Oghuzname

386 1 0
                                    

ئوغۇزنامە(تەرجىمىسى)

ئاتلا: يولباشچى, ئىزدە

“مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن!”

"ئوغۇزنامە" دىن

....ئاشۇنداق بولسۇن دېيىشتى. ئۇنىڭ تۇرقى مانا مۇنداق: ( بۇقىنىڭ رەسىمى سىزىلغان)، شۇندىن كېيىن شادلىققا مۇيەسسەر بولدى. بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۈزى يۇرىدى، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى. ئوغۇلنىڭ يۈز- چىرايى كۆك ئىدى. ئېغزى چوغدەك قىزىل، كۆزلىرى ھال، چاچلىرى، قاشلىرى قارا ئىدى. ئۇ ھۆر پەرىلەردىنمۇ چىرايلىقراق ئىدى. ئۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ ئوغۇزىنى بىر قېتىم ئېمىپلا ئىككىنچىلەپ ئانىسىنى ئەممىدى. خام گۆش، ئاش، مەي سورىدى، تىلى چىقىشقا باشلىدى. قىرىق كۈندىن كېيىن چوڭ بولدى، ماڭدى، ئوينىدى. ئۇنىڭ پۇتى بۇقا پۇتىدەك ، بېلى بۆرە بېلىدەك ، مۈرىسى قارا بۇلغۇن مۈرىسىدەك ، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك، پۈتۈن بەدىنىنى قويۇق تۈك باسقان ئىدى. ئۇ يىلقىلارغا قارايتتى، ئاتلارنى مىنەتتى، ئوۋ- ئوۋلايتتى، كۈنلەر ئۆتۈپ، تۈنلەر ئۆتۈپ ئۇ يىگىت بولدى. بۇ چاغدا ، بۇ يەردە، بىر چوڭ ئورمان بار ئىدى. ئۇنىڭدا كۆپ دەريا - ئېقىنلار بار ئىدى. ئۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار كۆپ ئىدى، قۇشلار ئۇچۇپ يۇرۇيتى. بۇ ئورمان ئىچىدە چوڭ بىر قىتات بار ئىدى. ئۇ مال - چارۋا ۋە خەلقنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ئىنتايىن ۋەھشىي بىر ھايۋان ئىدى. ئۇ ئەل جامائەتكە زور جەبرى جاپا كەلتۈرگەن ئىدى. ئوغۇز خاقان بىر باتۇر ئادەم ئىدى. ئۇ بۇ قىتاتنى ئوۋلىماقچى بولدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئوۋغا چىقتى. نەيزە ئېلىپ، ئوقيا ئېلىپ، يەنە قىلىچ ئېلىپ ، قالقان ئېلىپ ئاتلاندى. بىر بۇغا ئوۋلىدى، ئۇ بۇ بۇغىنى تالنىڭ چىۋىقى بىلەن دەرەخكە باغلاپ قۇيۇپ كەتتى، ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا كەلگىنىدە كۆردىكى قىتات بۇغىنى ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇ يەنە بىر ئېيىق ئوۋلاپ ، ئۇنى ئالتۇن بەلۋېغى بىلەن دەرەخكە باغلاپ قۇيۇپ كەتتى. ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا كەلگىنىدە كۆردىكى قىتات ئېيىقنى ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇ ( ھېلىقى ) دەرەخنىڭ تۈۋىدە تۇرغاندا قىتات كېلىپ بېشىنى ئوغۇزنىڭ قالقىنىغا ئۇردى. ئوغۇز نەيزىسىنى قىاتنىڭ بېشىغا ئۇردى. ئۇنى ئۆلتۈردى. قىلىچ بىلەن بېشىنى كەستى. ئۇنى ئېلىپ كەتتى.ئۇ يەنە كەلگەندە كۆردىكى بىر شۇڭقار قىاتنىڭ ئىچ - قارنىنى يەپ تۇرغان، ئۇ شۇڭقارنى ئوقيا بىلەن ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ بېشىنى كەستى، ئاندىن كىيىن ئۇ يەتتىكى :" قاراڭ، مانا بۇ شۇڭقارنىڭ تۇرقى( شۇڭقارنىڭ رەسىمى سىزىلغان)، قىتات بۇغا يېدى، ئېيىق يېدى، ئۇ گەرچە تۆمۈردەك قاتتىق بولسىمۇ نەيزەم ئۇنى ئۆلتۈردى. شۇڭقار قىتاتنى يېدى، ئۇ گەرچە شامالدەك تېز بولسىمۇ، ئوقيايىم ئاخىرى ئۇنى ئۆلتۈردى" سۆزلەپ بولۇپ كېتىپ قالدى، مانا بۇ قىاتنىڭ تۇرقى ( قىاتنىڭ رەسىمى سىزىلغان).

كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇز خاقان بىر يەردە تەڭرىگە سېغىنىۋاتقاندا ( ئەتراپ) قاراڭغۇلىشىپ، ئاسماندىن بىر كۆك يورۇق چۈشتى، ئۇ كۈندىنمۇ نۇرلۇقراق، ئايدىنمۇ يورۇقراق ئىدى. ئوغۇز خاقان ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قارىسا ئۇ يورۇقنىڭ ئىچىدە بىر قىز تەنھا ئولتۇرغان . ئۇ ساھىبجامال بىر قىز ئىدى. ئۇنىڭ پېشانىسىدە چوغدەك پارقىراق ،مېڭى بولۇپ خۇددى، تۆمۈر قوزۇققا ئوخشايتتى. ئۇ قىز شۇنداق گۈزەل ئىدىكى ، ئۇ كۈلسە تەڭرىمۇ كۈلەر ئىدى، يىغلىسا تەڭرىمۇ يىغلار ئىدى. ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرگىنىدە پۈتۈن بەدىنىنى تىترەك بېسىپ ھوشىدىن كەتتى، ئۇنىڭغا كۆيۈپ قالدى، ئۇنى ئالدى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياتتى، تىلىكىگە يەتتى. ئۇ قىز ئىككى قات بولدى، كۈنلەر ئۆتۈپ ، تۈنلەر ئۆتۈپ ئۇنىڭ كۆزى يۇرىدى ، ئۈچ ئوغۇل تۇغدى. تۇنجىسىغا كۈن دەپ، ئوتتۇرانچىسىغا ئاي دەپ، كەنجىسىگە يۇلتۇز دەپ ئات قويدى.

You've reached the end of published parts.

⏰ Last updated: Mar 23, 2013 ⏰

Add this story to your Library to get notified about new parts!

OghuznameWhere stories live. Discover now